0:00 / 0:00
ھورمۇز بوغۇزىدىكى ۋەزىيەتنىڭ گېلىي تەمىناتىغا بولغان زەربىسى

ھورمۇز بوغۇزىدىكى ۋەزىيەتنىڭ گېلىي تەمىناتىغا بولغان زەربىسى

ئامېرىكا بىلەن ئىران بىر نەچچە ھەپتىلىك ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى تۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە باشقا سانائەت ماتېرىياللىرىنىڭ كەمچىل بولۇش مەسىلىسى يەنىلا كۈچەيمەكتە. بۇ كەمچىل بولۇۋاتقان ماددىلار تىزىملىكىگە كۆپىنچە كىشىلەر سەل قارايدىغان، ئەمما ئىنتايىن مۇھىم بولغان گېلىي گازىمۇ قوشۇلدى.
گېلىي گازى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ، تالا كابېل ۋە داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان تەركىبىي قىسمىدۇر. «شمالىي ئامېرىكا گېلىي شىركىتى»نىڭ باش ئىجراچىسى نىكولاس سنايدېرنىڭ ئېيتىشىچە، گېلىي بولمىسا يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە ئېلېكترون سانائىتى ئېغىر ئىقتىسادىي زىيانغا ئۇچرايدىكەن.
ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى ۋە ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملار دۇنياۋى گېلىي سودىسىغا ئېغىر زەربە بەردى. ئىران قاتارنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز زاۋۇتى بولغان رېس لافان ئەسلىھەسىگە ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، قاتار ئېنېرگىيە شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشنى توختىتىپ، يىللىق گېلىي ئېكسپورتىنى %14 قىسقارتتى.
نۆۋەتتە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئۇرۇش سەۋەبىدىن توسۇلۇپ قېلىشى گېلىي يەتكۈزۈشنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇپ، بازاردىكى باھانى بىر ھەسسە ئۆستۈرۈۋەتتى. سنايدېرنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال گېلىي ئېھتىياجىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئوتتۇرا شەرققە تايىنىپ قاندۇرىدىغان تەيۋەن ۋە جەنۇبىي كورېيە ئۈچۈن جىددىي بىر سىگنال ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ گېلىي ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2024-يىلى فېدېراتسىيە ئىستراتېگىيەلىك گېلىي زاپىسىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇپ تۈگەتكەن. شۇڭا نۆۋەتتىكى تەمىنلەش كرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، بەزى مۇتەخەسسىسلەر ۋە تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى جەمئىيىتى ھۆكۈمەتلەرنى ئىستراتېگىيەلىك زاپاسنى قايتىدىن بەرپا قىلىشقا چاقىرماقتا.
سۈنئىي ئىدراك ۋە ئىلغار تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۆزەك سانائىتىنىڭ گېلىيغا بولغان ئېھتىياجى كەلگۈسى ئون يىلدا بەش ھەسسە ئاشىدۇ. گەرچە نۆۋەتتە ئۇرۇش توختىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھورمۇز بوغۇزىنىڭ يەنىلا يېپىق بولۇشى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن كەمىدە يېرىم يىل ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
مەنبە: Foreign Policy | Mon, 27 Apr 2026 09:00