0:00 / 0:00
سۈنئىي ئىدراك تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن يېڭى بىر ۋاكسىنا ئىنسانلاردا بىخەتەر سىناق قىلىندى

سۈنئىي ئىدراك تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن يېڭى بىر ۋاكسىنا ئىنسانلاردا بىخەتەر سىناق قىلىندى

«يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ژۇرنىلى» (Journal of Infection) نىڭ 2026-يىلى 6-ئايلىق سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىگە ئاساسلانغاندا، تەتقىقاتچىلار سارس (SARS) ۋە كوفىد-19 غا ئالاقىدار كەڭ دائىرىلىك كورونا ۋىرۇسلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن يېڭى بىر ۋاكسىنىنى بىخەتەر شەكىلدە سىناق قىلغان.
كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان بىر ئاخبارات باياناتىدا چۈشەندۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق كلىنىكىلىق سىناق ئاكتىپ تەركىبى پۈتۈنلەي كومپيۇتېر تەقلىد قىلىش تېخنىكىسى ئارقىلىق لايىھەلەنگەن بىر ۋاكسىنىنىڭ تۇنجى قېتىم ئىنسانلاردا سىناق قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.
سائۇتخامپتون ئۇنىۋېرسىتېتى، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە DIOSynVax چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالىملار گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ چىقىلغان بۇ ۋاكسىنا pEVAC-PS دەپ ئاتىلىدۇ.
بۇ تېخنىكا سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق لايىھەلەنگەن بىر «دەرىجىدىن تاشقىرى ئانتىگېن»نى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ۋىرۇسلاردا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ، كەڭ دائىرىلىك ۋىرۇسلارغا قارشى مۇداپىئە پەيدا قىلىدۇ.
نۆۋەتتىكى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئۇسۇللىرىدا بۇ ئىقتىدار كەمچىل بولۇپ، توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ۋىرۇسلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن ۋاكسىنا فورمۇلاسىنى دائىم يېڭىلاپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
بۇ ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكى ۋە كۆرۈنەرلىك ئەكىس تەسىرى يوقلۇقى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، ئەمما ماقالە ئاپتورلىرى ۋاكسىنىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىللاشقان ئادەم توپىدا كۈچلۈك مۇداپىئە بىلەن تەمىنلىيەلىشىنى جەزملەشتۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك سىناقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرمەكتە.
تەتقىقات جەريانىدا، مەزكۇر ۋاكسىنا 2021-يىلى 12-ئايدىن 2023-يىلى 9-ايغىچە بولغان ئارىلىقتا ئەنگلىيەدىكى ساغلام پىدائىيلارغا ئەملەنگەن.
بۇنىڭدىكى مەقسەت پەقەت نۆۋەتتىكى كوفىد-19 ۋارىيانتلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدە ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا يۇقۇش ئېھتىماللىقى بولغان كورونا ۋىرۇسى تەھدىتلىرىگىمۇ تاقابىل تۇرالايدىغان بىر ۋاكسىنا ئىشلەپچىقىرىشتۇر.
ئاپتورلارنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ۋاكسىنىدا يىڭنىسىز نۇكلېئىك كىسلاتا (DNA) يەتكۈزۈش سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ۋاكسىنىنى ئەملەش ۋە ساقلاشنى، بولۇپمۇ تېببىي بايلىقى چەكلىك بولغان رايونلاردا تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ.
بۇ بىرىنچى باسقۇچلۇق كلىنىكىلىق سىناققا ئىلگىرى كوفىد-19 ۋاكسىنىسىنىڭ 2 ياكى 3 دۆزىسىنى ئەملەتكەن، ئەمما يېقىنقى مەزگىلدە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمىغان، يېشى 18 بىلەن 50 ئارىسىدىكى 39 ساغلام قۇرامىغا يەتكەن كىشى قاتناشتۇرۇلغان.
قاتناشقۇچىلار تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر گۇرۇپپا pEVAC-PS ۋاكسىنىسىنىڭ ئوخشىمىغان دۆزىلىرىنى، يەنى 0.2 مىللىگىرام، 0.4 مىللىگىرام، 0.8 مىللىگىرام ۋە 1.2 مىللىگىرامدىن قوبۇل قىلغان.
ۋاكسىنا ئىككى قېتىم ئەملەنگەن: بىرىنچى دۆزى تۇنجى كۈنى، ئىككىنچى دۆزى بولسا 28-كۈنى ئەملەنگەن.
يىڭنە ئىشلىتىلىدىغان ئەنئەنىۋى ۋاكسىنىلارغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، pEVAC-PS ۋاكسىنىسى پارماجېت تروپىس (PharmaJet Tropis) دەپ ئاتىلىدىغان، ۋاكسىنىنى يىڭنىسىز يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئۈسكۈنە ئارقىلىق تېرىنىڭ ئاستىغا سىڭدۈرۈش ئۇسۇلى بىلەن ئەملەنگەن.
بۇ خىل يىڭنىسىز ئەملەش ئۇسۇلى ئالاھىدە تېببىي ئۈسكۈنىلەرگە بولغان ئېھتىياجنى ئازايتىدۇ ھەمدە يىڭنە بىلەن مۇناسىۋەتلىك زەخىملىنىش ياكى يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
پىدائىيلارنىڭ ئەكىس تەسىرلىرى ۋە ئىممۇنىتېت ئىنكاسلىرى كۆڭۈل قويۇپ كۆزىتىلگەن. ئۇلار ھەر بىر قېتىملىق ئەملەشتىن كېيىن يەتتە كۈن بويىچە ئەملەنگەن ئورۇننىڭ قىزىرىشى ياكى ئاغرىشىغا ئوخشاش يەرلىك ئىنكاسلارنى، شۇنداقلا قىزىش ياكى چارچاشقا ئوخشاش پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلەرنى خاتىرىلەپ ماڭغان.
ۋاكسىنا ئەملەشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن بىر قانچە قېتىم قان ئەۋرىشكىسى ئېلىنىپ، سارس-كوۋ-1 (SARS-CoV-1)، سارس-كوۋ-2 (SARS-CoV-2) نىڭ پىك ئاقسىلى قوبۇل قىلغۇچى بىلەن باغلىنىش دائىرىسى (RBD) ۋە ۋاكسىنىنىڭ ئۆزىگە قارىتىلغان ئانتىتېلالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىممۇنىتېت ئىنكاسلىرى ئۆلچەپ چىقىلغان.
بارلىق قاتناشقۇچىلار pEVAC-PS ۋاكسىنىسىنى ياخشى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ھېچقانداق ئېغىر ئەكىس تەسىرلەر دوكلات قىلىنمىدى. كۆپىنچە ئەكىس تەسىرلەر يېنىك ياكى ئوتتۇراھال بولۇپ، ئوكۇل سالغان ئورۇننىڭ ئاغرىشى ياكى يېنىك چارچاش قاتارلىق مۆلچەرلەنگەن ئىنكاسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
بۇنىڭدىن باشقا دورا مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ئەكىس تەسىرلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى كۆرۈلمىدى، شۇنداقلا ئىككىنچى قېتىملىق ئوكۇلدىن كېيىن كۆرۈلگەن ئەكىس تەسىرلەر بىرىنچى قېتىملىققا قارىغاندا ئاز بولدى. سىناق جەريانىدا ئاز ساندىكى قاتناشقۇچىلاردا يېنىك دەرىجىدىكى كوۋىد-19 يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ ۋاكسىنا بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، ھېچقانداق داۋالاشقا ئېھتىياج چۈشمىدى.
ئىممۇنىتېت ئىنكاسى جەھەتتە نەتىجىلەر ئوتتۇراھال بولدى. ۋاكسىنا ئىلگىرىكى كوۋىد-19 ۋاكسىنىلىرى ياكى يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن مەۋجۇت بولغان ئانتىتېلا سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرەلمىدى.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە بۇنىڭ بىر قىسىم سەۋەبى قاتناشقۇچىلارنىڭ كوۋىد-19 غا يولۇقۇش تارىخىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ۋە ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئەھۋال ۋاكسىنىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىنى ئۆلچەشنى قىيىنلاشتۇرغان.
شۇنداقتىمۇ ئەڭ يۇقىرى مىقدارلىق گۇرۇپپىدىكىلەر (1.2 مىللىگرام) بىرىنچى قېتىملىق ئوكۇلدىن تەخمىنەن ئالتە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ۋاكسىنا لايىھەسىدىكى تاجىسىمان ئاقسىل رايونىغا قارىتىلغان ئانتىتېلانىڭ ئازراق، ئەمما سىتاتىستىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى كۆرسەتتى.
ھۈجەيرىلەرنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشىنى توسىيالايدىغان نېيتراللاشتۇرغۇچى ئانتىتېلالار ئوتتۇراھال ۋە ئەڭ يۇقىرى مىقدارلىق گۇرۇپپىلاردا ئۆلچەپ چىقىلدى. دېلتا ۋە ئومىكرون BA.1 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى SARS-CoV-2 تۈرلىرىگە قارىتا نېيتراللاشتۇرۇش پائالىيىتىدە بەلگىلىك ئۆرلەش كۆرۈلدى، ئەمما ئەسلىدىكى ۋۇخەن تۈرى ياكى SARS-CoV-1 گە قارىتا ئۆرلەش كۆرۈلمىدى.
ئاپتورلارنىڭ بايان قىلىشىچە بۇ ئەھۋال ۋاكسىنىنىڭ بەزى ئۆزگىرىشچان تۈرلەرگە قارىتا قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما بۇ مىقداردا كۆپ خىل ۋىرۇسلارنى نېيتراللاشتۇرۇش ئومۇمىي ئىقتىدارىنىڭ يەنىلا چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تەپسىلىي پېپتىد مىكرو گۇرۇپپىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن تەھلىللەر شۇنى ئاشكارىلىدىكى، ۋاكسىنا ئەملەنگەن كىشىلەردىكى ئانتىتېلالار تاجىسىمان ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلغۇچى بىلەن باغلىنىش ساھەسىدىكى ئالاھىدە ساقلانغان رايونلارنى تونۇغان. بۇ رايونلار كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان، كۆپ خىل نېيتراللاشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە S309 ئانتىتېلاسى نىشان قىلغان ئورۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى.
گەرچە بۇ ساقلانغان رايونلار بىلەن باغلىنىش كۈچلۈك نېيتراللاشتۇرۇش پائالىيىتىگە ئايلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋاكسىنىنىڭ كۆپ خىل تاجىسىمان ۋىرۇسلارغا ئورتاق بولغان مۇھىم ۋىرۇس قۇرۇلمىلىرىنى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ تونۇشىغا تۈرتكە بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا سىناق pEVAC-PS ۋاكسىنىسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە يىڭنىسىز ئەملەشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلىدى، شۇنداقلا كۆپ خىل مۇناسىۋەتلىك تاجىسىمان ۋىرۇسلارنى نىشان قىلغان ۋاكسىنىلارنى لايىھەلەشنى قوللىدى.
شۇنداقتىمۇ ۋاكسىنىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ كەڭ ئىممۇنىتېت قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەك.
دۇبلىنغا جايلاشقان نۇرىتاس ناملىق سۈنئىي ئىدراك بىئوتېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى دوكتور نورا خالدى سۈنئىي ئىدراك ئىنسانلار ئۆزلىرى ھەل قىلالمايدىغان «سامان ئۆمۈچۈكىدىن يىڭنە ئىزدەش» كە ئوخشاش قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغانلىقىنى چۈشەندۈردى.
ئۇ سۆزىدە: «ھەتتا بىر دانە ئاقسىلنىڭ ئىچىدىكى مولېكۇلا بىرىكمىلىرىنىڭ سانىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ. تەجرىبىخانىدا تاللانغان ماددىلارنى بىرمۇبىر سىناشقا يۈز يىل ۋاقىت سەرپ قىلسىڭىزمۇ، ئارانلا بىر قىسمىنى تۈگىتەلەيسىز» دېدى.
ئەمما سۈنئىي ئىدراك غايەت زور مىقداردىكى بىئولوگىيەلىك سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلالايدۇ ھەمدە ئىنسانلار يېتەلمەيدىغان كۆلەم ۋە سۈرئەتتە قانۇنىيەتلەرنى بايقىيالايدۇ.
«كەڭ سپېكترلىق ۋاكسىنا مەسىلىسىدە، سوئال شۇكى: ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بارلىق ۋارىيانتلار ۋە تېخى ئىنسانلارغا يۇقمىغان تۈرلەر ئىچىدىكى بۇ ۋىرۇسلارنىڭ قايسى قىسمىنى تونۇشى كېرەك؟»
فلورىدا شتاتىنىڭ جېكسوۋىل شەھىرىدىكى پيۇر فىرېكۇئېنسىس (Pure Frequencies) تەتقىقات ئورنىنىڭ تېببىي مەسلىھەتچىسى، دوكتور مايكېل ئو. مەككىننىي سۈنئىي ئىدراك ۋاكسىنا تەرەققىياتىنى ئىككى تۈپ جەھەتتىن قايتا شەكىللەندۈرىدۇ دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
بىرىنچىدىن، ئۇ تەرەققىيات مۇددىتىنى قىسقارتىدۇ. مەككىننىي: «مەيلى ئەنئەنىۋى ۋاكسىنىلار بولسۇن ياكى يېڭىچە دورىلار بولسۇن، تەسەۋۋۇر باسقۇچىدىن ئىنسانلاردا سىناق قىلىش باسقۇچىغىچە بولغان ۋاقىت 10 يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىدۇ، بۇ پۈتۈن دۇنيا دورا سانائىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئومۇمىي ئۆلچەمدۇر» دېدى.
مەككىننىينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەتقىقات سۈنئىي ئىدراكنىڭ مەزكۇر جەرياننى زور دەرىجىدە قىسقارتالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان.
ئۇ يەنە سۈنئىي ئىدراكنىڭ «دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆزگىرىشچان پاتولوگىيەلىك ماددىلار»نى نىشانلىيالايدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
مەككىننىينىڭ قارىشىچە، ئاپتورلارنىڭ بۇ ئۇسۇلى باشقا ئۆزگىرىشچان پاتولوگىيەلىك ماددىلارغا ماسلاشتۇرغىلى بولىدىغان، قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر لايىھە ئەندىزىسىدۇر.
ئۇ يەنە بۇنىڭ ئومۇمىيۇزلۇق زۇكام ۋاكسىنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش، HIV غا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يېڭى يوللىرىنى تېپىش، ھەتتا كەلگۈسىدىكى بىئولوگىيەلىك بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەنبە: Healthline | Fri, 12 Jun 2026 07:01