0:00 / 0:00
سۈنئىي ئىدراك تەرىپىدىن لايىھىلەنگەن يېڭى بىر ۋاكسىنا ئىنسانلاردا بىخەتەر سىناق قىلىندى.

سۈنئىي ئىدراك تەرىپىدىن لايىھىلەنگەن يېڭى بىر ۋاكسىنا ئىنسانلاردا بىخەتەر سىناق قىلىندى.

«يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ژۇرنىلى»نىڭ 2026-يىللىق ئىيۇن سانىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىگە ئاساسلانغاندا، تەتقىقاتچىلار سارس (SARS) ۋە كوۋىد-19 غا مۇناسىۋەتلىك كۆپ خىل تاجىسىمان ۋىرۇسلاردىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن يېڭى بىر ۋاكسىنىنى بىخەتەرلىك سىنىقىدىن ئۆتكۈزگەن.
كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئېلان قىلغان ئاخباراتتا چۈشەندۈرۈلۈشىچە، بۇ قېتىملىق سىناق ئاكتىپ تەركىبى پۈتۈنلەي كومپيۇتېر تەقلىدىي مودېلى ئارقىلىق لايىھەلەنگەن بىر ۋاكسىنىنىڭ ئىنسانلاردا تۇنجى قېتىم سىناق قىلىنىشىدۇر.
ساۇتھامپتون ئۇنىۋېرسىتېتى، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە دىئوسىنفەكىس (DIOSynVax) چەكلىك شىركىتىدىكى بىر گۇرۇپپا ئالىملار تەرىپىدىن تەتقىق قىلىپ چىقىلغان بۇ ۋاكسىنا pEVAC-PS دەپ ئاتىلىدۇ.
مەزكۇر تېخنىكا سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق لايىھەلەنگەن بىر «ئۇلۇغ ئانتىگېن»دىن پايدىلىنىپ، ۋىرۇس تەبىئىتىدە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن تەقدىردىمۇ، كۆپ خىل ۋىرۇسلارغا قارىتا مۇداپىئە كۈچى پەيدا قىلىدۇ.
ھازىرقى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىش ئۇسۇللىرىدا بۇنداق ئىقتىدار كەمچىل بولۇپ، توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ۋىرۇسلارغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ۋاكسىنىنى پات-پات قايتىدىن تەييارلاشقا توغرا كېلىدۇ.
گەرچە بۇ ۋاكسىنىنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكى ۋە ھېچقانداق ئېغىر ئەكىس تەسىرى يوقلۇقى بايقالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاپتورلار ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىللاشقان نوپۇس ئارىسىدا كۈچلۈك مۇداپىئە بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان-تەمىنلىيەلمەيدىغانلىقىنى بېكىتىش ئۈچۈن، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك سىناقنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەزكۇر تەتقىقات 2021-يىلى دېكابىردىن 2023-يىلى سېنتەبىرگىچە ئەنگلىيەدىكى ساغلام پىدائىيلاردا ئېلىپ بېرىلغان.
بۇنىڭدىكى مەقسەت پەقەت نۆۋەتتىكى كوۋىد-19 ۋارىيانتلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدە ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا يۇقۇش ئېھتىماللىقى بولغان تاجىسىمان ۋىرۇس تەھدىتلىرىگىمۇ تاقابىل تۇرالايدىغان بىر ۋاكسىنا بارلىققا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.
ئاپتورلارنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ۋاكسىنىدا يىڭنىسىز DNA يەتكۈزۈش سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، بۇ ۋاكسىنىنى ئەملەش ۋە ساقلاشنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرىدۇ، بولۇپمۇ داۋالاش مەنبەلىرى چەكلىك بولغان رايونلاردا زور ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەزكۇر بىرىنچى باسقۇچلۇق كلىنىكىلىق سىناق ئىلگىرى كوۋىد-19 ۋاكسىنىسىدىن 2 ياكى 3 دوزا ئەملەتكەن، ئەمما يېقىنقى مەزگىللەردە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمىغان، يېشى 18 دىن 50 كىچە بولغان 39 نەپەر ساغلام چوڭ ئادەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سىناققا قاتناشقۇچىلار تۆت گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەر بىر گۇرۇپپىغا pEVAC-PS ۋاكسىنىسىنىڭ 0.2 مىللىگىرام، 0.4 مىللىگىرام، 0.8 مىللىگىرام ۋە 1.2 مىللىگىراملىق ئوخشىمىغان مىقدارلىرى ئەملەنگەن.
ۋاكسىنا ئىككى قېتىم ئەملەنگەن: بىرىنچى دوزىسى 0-كۈنى، ئىككىنچى دوزىسى بولسا 28-كۈنى ئەملەنگەن.
يىڭنە ئىشلىتىلىدىغان ئەنئەنىۋى ۋاكسىنىلارغا ئوخشىمايدىغىنى، pEVAC-PS ۋاكسىنىسى فارماجېت تروپىس (PharmaJet Tropis) دەپ ئاتىلىدىغان، يىڭنە ئىشلەتمەي تۇرۇپ ۋاكسىنىنى ئەملەيدىغان بىر ئۈسكۈنە ئارقىلىق تېرە ئاستىغا ئەملەنگەن.
بۇ خىل يىڭنىسىز ئەملەش ئۇسۇلى مەخسۇس داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىگە بولغان ئېھتىياجنى ئازايتىدۇ ھەمدە يىڭنە بىلەن مۇناسىۋەتلىك زەخىملىنىش ياكى يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
پىدائىيلار ۋاكسىنا ئەملەنگەندىن كېيىن، ئەكىس تەسىرلەر ۋە ئىممۇنىتېت ئىنكاسلىرى جەھەتتىن ئەستايىدىل كۆزىتىلگەن. ئۇلار ھەر بىر قېتىملىق ئەملەشتىن كېيىن يەتتە كۈن بويىچە ئەملەنگەن ئورۇننىڭ قىزىرىشى ياكى ئاغرىشىغا ئوخشاش يەرلىك ئىنكاسلارنى، شۇنداقلا قىزىش ياكى چارچاشقا ئوخشاش سىستېمىلىق ئالامەتلەرنى خاتىرىلەپ بارغان.
ۋاكسىنا ئەملەشتىن ئىلگىرى ۋە كېيىن بىر قانچە قېتىم قان ئەۋرىشكىسى ئېلىنىپ، سارس-كوۋ-1، سارس-كوۋ-2 ۋە ۋاكسىنىنىڭ ئۆزىدىكى سىپايىك پىروتېئىن قوبۇللىغۇچ باغلىنىش رايونىنى نىشان قىلغان ئانتىتېلالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىممۇنىتېت ئىنكاسلىرى ئۆلچەپ چىقىلغان.
«pEVAC-PS» ۋاكسىنىسىنى بارلىق قاتناشقۇچىلار ياخشى قوبۇل قىلدى ھەمدە ھېچقانداق ئېغىر ئەكس تەسىرلەر مەلۇم قىلىنمىدى. كۆپىنچە ئەكس تەسىرلەر يېنىك ياكى ئوتتۇراھال بولۇپ، ئۇكۇل سالغان ئورۇننىڭ ئاغرىشى ياكى يېنىك چارچاش قاتارلىق مۆلچەرلەنگەن ئىنكاسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، مىقدارىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى بىلەن ئەكس تەسىرلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى كۆرۈلمىدى، شۇنداقلا ئىككىنچى قېتىملىق مىقداردىن كېيىن كۆرۈلگەن ئەكس تەسىرلەر بىرىنچى قېتىملىققا قارىغاندا ئاز بولدى. سىناق جەريانىدا ئاز ساندىكى قاتناشقۇچىلاردا يېنىك دەرىجىدە يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، بۇ ۋاكسىنا بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولدى ھەمدە داۋالاشقا ئېھتىياج چۈشمىدى.
ئىممۇنىتېت ئىنكاسى جەھەتتە، نەتىجىلەر ئادەتتىكىچە بولدى. بۇ ۋاكسىنا ئىلگىرىكى يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس ۋاكسىنىسى ياكى يۇقۇملىنىشتىن ھاسىل بولغان ئانتىتېلا سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرالمىدى.
تەتقىقاتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنىڭ بىر قىسىم سەۋەبى قاتناشقۇچىلارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى ۋە ۋاكسىنا ئەملەش ۋاقىت جەدۋىلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن بولغان بولۇپ، بۇ ئەھۋال ۋاكسىنىنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىنى ئۆلچەشنى قىيىنلاشتۇرغان.
شۇنداقتىمۇ، ئەڭ يۇقىرى مىقدار گۇرۇپپىسىدا (1.2 مىللىگرام) بىرىنچى قېتىملىق ئەملەشتىن تەخمىنەن ئالتە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، ۋاكسىنىدا لايىھەلەنگەن ئۇچلۇق پىروتىن رايونىغا قارىتىلغان ئانتىتېلانىڭ سىتاتىستىكىلىق جەھەتتىن ئەھمىيەتلىك دەرىجىدە ئازراق ئاشقانلىقى كۆرۈلدى.
ھۈجەيرىلەرنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشىنى توسىيالايدىغان نېيتراللاشتۇرغۇچى ئانتىتېلىلار ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى مىقدار گۇرۇپپىلىرىدا ئۆلچەپ چىقىلدى. دېلتا ۋە ئومىكرون BA.1 قاتارلىق بەزى SARS-CoV-2 ئۆزگەرگەن تۈرلىرىگە قارىتا نېيتراللاشتۇرۇش پائالىيىتىنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئاشقانلىقى كۆرۈلدى، ئەمما ئەسلىدىكى ۋۇخەن تۈرى ياكى SARS-CoV-1 غا قارىتا ئۈنۈمى بولمىدى.
ئاپتورلارنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ ئەھۋال ۋاكسىنىنىڭ بەزى ئۆزگەرگەن تۈرلەرگە قارىتا مۇداپىئەنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما بۇ مىقداردا كۆپ خىل ۋىرۇسلارنى نېيتراللاشتۇرۇش ئومۇمىي ئىقتىدارىنىڭ يەنىلا چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
تەپسىلىي پېپتىد مىكرو ئېلېمېنتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان تېخىمۇ چوڭقۇر تەھلىللەر شۇنى ئاشكارىلىدىكى، ۋاكسىنا ئەملەنگەن كىشىلەردىكى ئانتىتېلىلار ئۇچلۇق پىروتىننىڭ قوبۇل قىلغۇچى باغلىنىش دائىرىسىدىكى ئالاھىدە ساقلىنىپ قالغان رايونلارنى تونۇغان. بۇ رايونلار كۆپچىلىككە تونۇشلۇق بولغان، كەڭ نېيتراللاشتۇرغۇچى ئانتىتېلا S309 نىڭ نىشانى بولغان ئورۇننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
گەرچە بۇ ساقلىنىپ قالغان رايونلار بىلەن باغلىنىش كۈچلۈك نېيتراللاشتۇرۇش پائالىيىتىگە ئايلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ۋاكسىنىنىڭ كۆپ خىل تاجىسىمان ۋىرۇسلارغا ئورتاق بولغان مۇھىم ۋىرۇس قۇرۇلمىلىرىنى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ تونۇشىنى ئىلگىرى سۈرەلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، بۇ سىناق «pEVAC-PS» نىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى ۋە يىڭنىسىز ئەملەشنىڭ مۇمكىنلىكىنى ئىسپاتلىدى، شۇنداقلا كۆپ خىل مۇناسىۋەتلىك تاجىسىمان ۋىرۇسلارنى نىشانلىغان ۋاكسىنىلارنىڭ لايىھەلىنىشىنى قوللىدى.
ئەمما، ۋاكسىنىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە كەڭ بولغان ئىممۇنىتېتلىق قوغداش بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەرنى ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.
دۇبلىنغا جايلاشقان «نۇرىتاس» ناملىق سۈنئىي ئىدراك بىئوتېخنىكا شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، دوكتور نورا خالدى شۇنى چۈشەندۈردىكى، سۈنئىي ئىدراك ئىنسانلار ئۆزلىكىدىن ھەل قىلالمايدىغان «سامانلىقتىن يىڭنە ئىزدەش مەسىلىسى» نى ھەل قىلالايدۇ.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مۇمكىن بولغان مولېكۇلا بىرىكمىلىرىنىڭ سانى — ھەتتا بىرلا پىروتىن ئىچىدىمۇ — ئىنتايىن زور. سىز تەجرىبىخانىدا كاندىداتلارنى بىرمۇبىر سىناشقا يۈز يىل سەرپ قىلسىڭىزمۇ، ئارانلا بىر قىسمىنى تاماملىيالايسىز».
ئەمما سۈنئىي ئىدراك غايەت زور مىقداردىكى بىئولوگىيەلىك سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلالايدۇ ھەمدە ئىنسانلار ئوخشاش كۆلەم ياكى سۈرئەتتە بايقىيالمايدىغان ئەندىزىلەرنى پەرقلەندۈرەلەيدىغان بولىدۇ.
«كەڭ دائىرىلىك ۋاكسىنا مەسىلىسىدە، سوئال شۇ ئىدى: ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بارلىق ۋارىيانتلار، ھەتتا تېخى ئىنسانلارغا يۇقمىغان تۈرلەر ئىچىدىكى بۇ ۋىرۇسلارنىڭ قايسى قىسمىنى تونۇشى كېرەك؟»
فلورىدا شتاتى جېكسونۋىل شەھىرىدىكى «Pure Frequencies» مەركىزىنىڭ تېببىي پەنلەر دوكتورى ۋە تېببىي مەسلىھەتچىسى مايكېل ئو مەككىننىي سۈنئىي ئىدراك ۋاكسىنا تەتقىقاتىنى ئىككى ئاساسلىق جەھەتتىن قايتا شەكىللەندۈرىدۇ دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
بىرىنچىدىن، ئۇ تەتقىقات مۇددىتىنى قىسقارتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەيلى ئەنئەنىۋى ۋاكسىنىلار ياكى يېڭىلىق يارىتىلغان دورىلار بولسۇن، پىلانلاش باسقۇچىدىن ئىنسانلاردا سىناق قىلىش باسقۇچىغىچە بولغان جەريان 10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ پۈتۈن دۇنيا دورا سانائىتى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ئومۇمىي ئۆلچەم».
مەككىننىينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەتقىقات سۈنئىي ئىدراك نىڭ بۇ جەرياننى زور دەرىجىدە قىسقارتالايدىغانلىقىنى دەلىللىگەن.
ئۇ يەنە سۈنئىي ئىدراك نىڭ «تېز سۈرەتتە ئۆزگىرىدىغان كېسەللىك قوزغاتقۇچىلار»نى نىشان قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەككىننىينىڭ قارىشىچە، ئاپتورلارنىڭ ئۇسۇلى باشقا ئۆزگىرىشچان كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارغا تەدبىقلاشقا بولىدىغان، قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان پىلان ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ئومۇمىيۈزلۈك زۇكام ۋاكسىنىسى تەتقىقاتىنى ۋە يېڭى HIV ئىنكاس يوللىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ھەتتا كەلگۈسىدىكى بىئولوگىيەلىك بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىنى ئالدىن پەرەز قىلىشى مۇمكىن.
مەنبە: Healthline | Wed, 17 Jun 2026 10:19