0:00 / 0:00
تۇغماسلىق مەسىلىسى بار ئەرلەردە تۈز ئۈچەي ۋە قالقانسىمان بەز راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.

تۇغماسلىق مەسىلىسى بار ئەرلەردە تۈز ئۈچەي ۋە قالقانسىمان بەز راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ (WHO) مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، تەخمىنەن ھەر 6 ئادەمنىڭ بىرى ھاياتىنىڭ مەلۇم بىر باسقۇچىدا تۇغماسلىق مەسىلىسىگە دۇچ كېلىدۇ.
ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردا ئەرلەردىكى تۇغماسلىق مەسىلىسى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە دىئابېت كېسىلىگە ئوخشاش سالامەتلىككە زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنىڭ يۇقىرى خەۋپى بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قارالغان. شۇنداقلا تەتقىقاتلاردا تۇغماسلىق بىلەن ئۇرۇقدان راكى ۋە پروستات بېزى راكى خەۋپىنىڭ ئېشىپ كېتىشى ئوتتۇرىسىدىمۇ مۇناسىۋەت بارلىقى بايقالغان.
«ياۋروپا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان يېقىنقى بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەرلەردىكى ئېغىر دەرىجىدىكى تۇغماسلىق بىلەن كۆپىيىش سىستېمىسىغا تەۋە بولمىغان راك كېسەللىكلىرى، يەنى قالقان بېزى راكى ۋە تۈز ئۈچەي راكى ئوتتۇرىسىدا باغلىنىش بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
«بۇ تەتقىقاتتا تۇغماسلىق ئەھۋالى ئېغىر بولغان ئەرلەرنىڭ تۈز ئۈچەي راكى ۋە قالقان بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەنلىكى بايقالدى» دېدى كالىفورنىيە شتاتى لوس ئانژېلېس شەھىرىدىكى راك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور س. ئادام رامىن. رامىن بۇ تەتقىقاتقا قاتناشمىغان.
ئۇ «خېلسلاين» (Healthline) تورىغا قىلغان سۆزىدە «تەۋسىيە قىلىنغان بۇ مۇناسىۋەت بەلكىم راكقا مايىللىقنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان گېن ئۆزگىرىشى بولۇشى مۇمكىن» دېدى.
تەتقىقاتتا بۇ باغلىنىشنىڭ بىر قىسمى گېن ئامىللىرى سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما تاماكا چېكىش، ھاراق ئىستېمال قىلىش، سېمىزلىك ۋە جىسمانىي ھەرىكەتنىڭ كەمچىل بولۇشىغا ئوخشاش تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ كىشىلەرنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
بۇ تەتقىقاتتا 1994-يىلىدىن 2014-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پەرزەنتلىك بولغان 1 مىليون 100 مىڭدىن ئارتۇق شىۋېتسىيەلىك ئەرنىڭ تىزىمغا ئېلىنغان سانلىق مەلۇماتلىرى تەھلىل قىلىنغان.
بۇلارنىڭ ئىچىدە 14450 ئەر «ھۈجەيرە ئىچى سپېرما ئۇكۇل قىلىش» (ICSI) تېخنىكىسى ئارقىلىق دادا بولغان. مەزكۇر تېخنىكا ئادەتتە ئەرلەردىكى ئېغىر دەرىجىدىكى تۇغماسلىق ئەھۋاللىرىدا قوللىنىلىدىغان ياردەمچى كۆپىيىش تېخنىكىسىدۇر.
تەتقىقاتچىلار بارلىق ئەرلەرنىڭ مەلۇماتلىرىنى دۆلەتلىك راك تىزىملاش سىستېمىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرگەن. بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، يۇقىرىقى تېخنىكا ئارقىلىق دادا بولغان ئەرلەردە قالقان بېزى ۋە تۈز ئۈچەي راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغان.
رامىن «بۇ تەتقىقات مەزكۇر تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ. بۇ پەقەت ئېغىر دەرىجىدىكى تۇغماسلىق مەسىلىسى بار ئەرلەرنىڭ، يەنى سۈنئىي ئۇرۇقلاندۇرۇش (IVF) تېخنىكىسىغا قارىغاندا يۇقىرىقى ئالاھىدە تېخنىكىغا ئېھتىياجى بارلارنىڭ مۇشۇ تۈردىكى راك كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنىڭ يۇقىرىراق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.
تەتقىقاتچىلار يەنە ياردەمچى كۆپىيىش تېخنىكىسىنىڭ ئۆزىنىڭ راك پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۆپىيىش ئىقتىدارىغا 2300 دىن ئارتۇق گېن چېتىلىدۇ. بۇ شۇنى پەرەز قىلىشقا پۇرسەت بېرىدۇكى، ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدىغان ھەم راك خەۋپىنى ئاشۇرىدىغان گېن ئۆزگىرىشلىرى تۈز ئۈچەي راكىنىڭ يۇقىرى خەۋپىنى ئاز دېگەندىمۇ قىسمەن چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
تاماكا چېكىش، ھەددىدىن زىيادە ھاراق ئىچىش ۋە سېمىزلىك قاتارلىق بەزى تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ تۈز ئۈچەي راكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋپىنى ئاشۇرىدۇ. بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى سپېرما سۈپىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
بۇ تەتقىقاتتا ئەرلەرنىڭ پەرزەنتلىك بولغان ۋاقىتتىكى يېشى ۋە مەلۇمات سەۋىيەسىمۇ ئويلىشىلدى. ئەمما ئىشلىتىلگەن سانلىق مەلۇماتلار تۇرمۇش ئادەتلىرىگە ئائىت ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان. شۇنداق بولسىمۇ، ئېغىر دەرىجىدىكى تۇغماسلىق مەسىلىسى بار ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىغا چېتىشلىق بولغان ۋە بولمىغان راك كېسەللىكلىرىنىڭ ھەر ئىككىلىسىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرىدەك قىلىدۇ.
رامىن مۇنداق دېدى: «ئىككى خىل تېببىي كېسەللىك ئوتتۇرىسىدا بىرەر باغلىنىش بايقالغاندا، بۇ كېسەللىكلەرنىڭ بىرىگە قارىتا ئېلىپ بېرىلغان داۋالاشنىڭ ياكى شۇ كېسەللىكنىڭ ئۆزىنىڭ جەزمەن ئىككىنچى بىر كېسەللىكنىڭ يېتىلىشىگە سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر».
تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ تەتقىقات تۇغۇت مەسىلىلىرى ئۈچۈن داۋالىنىۋاتقان ئەرلەرنىڭ كەلگۈسىدىكى كېسەللىك ئالدىنى ئېلىش تەشەببۇسلىرىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشى كېرەك. داۋالاش ۋە قايتا تەكشۈرۈش جەريانىدا بۇ ئەرلەرنى يوشۇرۇن تۈز ئۈچەي راكى ۋە قالقانسىمان بەز راكى، شۇنداقلا ئۇرۇقدان راكىغا قارىتا تەكشۈرۈش ئۇلارنىڭ تەكلىپلىرىنىڭ بىرىدۇر.
لوند ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ۋە تەتقىقاتچىسى، شۇنداقلا سكائىن رايونى تۇغۇت تېببىي مەركىزىنىڭ مەسلىھەتچى دوختۇرى، تەتقىقات ئاپتورى ئانگېل ئېلېنكوف بىر قېتىملىق مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «تۇغۇت تەكشۈرتۈشىنى قوبۇل قىلىۋاتقان ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى 30 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغانلار ئارىسىدا» دېدى.
ئېلېنكوف سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «مەقسەت ئۇلارنىڭ دادا بولۇشىغا ياردەم بېرىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالى ئۈستىدە كېيىنچە ھېچقانداق قايتا نازارەت ئېلىپ بېرىلمىدى. تۈز ئۈچەي ۋە يومۇشاق ئۈچەي راكى، شۇنداقلا قالقانسىمان بەز راكىنىڭ ياشلار ئارىسىدا كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ بايقاشلار ئاممىۋى ساغلاملىق نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىمدۇر. بۇ راك تۈرلىرىنىڭ ئالدىنى بالدۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئالغىلى بولىدۇ».
رامىن راك خەۋپىنى ئازايتىشقا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك ئومۇمىي ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئەمەل قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى:
رامىن مۇنداق دېدى: «راكقا ئوخشاش مەلۇم بىر كېسەللىككە گېن جەھەتتىن مېيىللىقى بولۇش، شۇ كىشىدە جەزمەن راك يېتىلىپ چىقىدۇ دېگەنلىك ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىش مۇھىمدۇر».
مەنبە: Healthline | Wed, 29 Apr 2026 15:31