0:00 / 0:00
ئۇيقۇسىزلىق پەقەت چارچىتىپلا قالماستىن، بەلكى مېڭىگە قان قۇيۇلۇش ۋە ئەقلىي ئاجىزلىق خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

ئۇيقۇسىزلىق پەقەت چارچىتىپلا قالماستىن، بەلكى مېڭىگە قان قۇيۇلۇش ۋە ئەقلىي ئاجىزلىق خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

مەنبە: خەلسلاين
ئۇيقىسىزلىق كىشىنى چارچىتىپ قويۇشتىن باشقا تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. 7-سېنتەبىر كۈنى «سلىپ مېدىسىن رېۋيۇس» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر پارچە تەتقىقات ماقالىسىدە، ئۇيقىسىزلىقنىڭ مېڭە قان تومۇر كېسىلى، روھىي چۈشكۈنلۈك ۋە دوختۇرخانىدا يېتىپ قېلىش خەۋپىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.
ئۇيقىسىزلىق يېتەرلىك ئۇخلاش پۇرسىتى بولسىمۇ، لېكىن ئۇخلاشقا قىينىلىش ياكى ئۇخلىغاندىن كېيىن داۋاملىق ئۇيقۇدا تۇرالماسلىق بىلەن خاراكتېرلىنىدىغان بولۇپ، ئادەتتە كۈندۈزدىكى پائالىيەتلەرنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
نيۇ-يورك شەھىرىدىكى «مانخاتتان كارديولوژى» نىڭ يۈرەك كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، مەزكۇر تەتقىقاتقا قاتناشمىغان دوكتور جوسېف يۇ «خەلسلاين» غا بەرگەن باياناتىدا: «ئومۇمىي ساغلاملىقنى ئويلىغاندا، ئۇيقۇ ئىنتايىن مۇھىم ساغلاملىق ئامىلىدۇر» دېدى.
ئۇ يەنە ئۇيقۇسىزلىق ۋە تۆۋەن سۈپەتلىك ئۇيقۇنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ۋە باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرى بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
ئۇيقىسىزلىق چوڭلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىش كېسىلىدۇر. سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۇيقىسىزلىق ئومۇمىي نوپۇسنىڭ تەخمىنەن %22 ئىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كالىفورنىيە شتاتى فاۋنتىن ۋاللېيدىكى «مېمورىيال كېيىر ئورانج كوست» تېببىي مەركىزىنىڭ مەزكۇر تەتقىقاتقا قاتناشمىغان قان تومۇر تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى كرىستوفىر يى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۇيقىسىزلىق ئاندا-ساندا بىر كېچە ياخشى ئۇخلىيالماسلىق بولماستىن، بەلكى يېتەرلىك ئۇخلاش پۇرسىتى بولسىمۇ داۋاملىق ئۇخلاشقا قىينىلىش بىلەن خاراكتېرلىنىدۇ».
تەتقىقاتچىلار ئۇيقىسىزلىق بىلەن مېڭە قان تومۇر كېسىلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، 1.3 مىليوندىن ئارتۇق كىشى چېتىلغان توققۇز تۈرلۈك تەتقىقاتنى ئېنىقلاپ چىققان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتە تەتقىقات ئەتراپلىق تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇيقىسىزلىقنىڭ مېڭە قان تومۇر كېسىلى خەۋپىنى %26 ئاشۇرۇۋېتىدىغانلىقى بايقالغان.
شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى، بۇ خىل باغلىنىش ئۇيقىسىزلىق چوقۇم مېڭە قان تومۇر كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، بىر قانچە ئامىل ئۇيقىسىزلىق بىلەن مېڭە قان تومۇر كېسىلى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى چۈشەندۈرۈشكە ياردەم بېرىشى مۇمكىن.
ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇيقۇ قالايمىقانلىشىش سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئاكتىپلىشىشىنى قوزغىتىشى مۇمكىن.
سمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى بەدەننىڭ ئىختىيارسىز نېرۋا سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، بېسىم ياكى خەتەرلىك ئەھۋاللاردا «كۈرەش قىلىش ياكى قېچىش» ئىنكاسىنى قوزغىتىدۇ.
پىسخىكا ۋە ئۇيقۇ تېبابىتى بويىچە قوشۇمچە دوختۇرلۇق سالاھىيىتىگە ئىگە، «مېنلو پارك پىسخىكىلىق داۋالاش ۋە ئۇيقۇ تېبابىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى، مەزكۇر تەتقىقاتقا قاتناشمىغان دوكتور ئالېكس دىمىترىيۇ مۇنداق دېدى: «نېرۋىلارنىڭ زىيادە جىددىيلىشىشى ئۇيقۇغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيقۇسىزلىق كىشىنى يەنە زىيادە جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ئادرېنالىن ۋە كورتىزول مىقدارىنىڭ يۇقىرى بولۇشى قان بېسىمىنى، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىپ، بەدەندىكى ياللۇغنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ساغلاملىققا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ».
تەتقىقات ئاپتورلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر قان بېسىمى ۋە يۈرەك سوقۇشىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە قان تومۇرلارنىڭ جىددىيلىكىنى ئاشۇرۇپ، يۈرەك سوقۇشىنىڭ ئۆزگىرىشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن. كورتىزولنىڭ ئۈزلۈكسىز قويۇپ بېرىلىشى يەنە يۇقىرى قان بېسىمى، سىستېمىلىق ياللۇغلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گلۇكوزا ۋە لىپىد ماددا ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
بۇ ئۆزگىرىشلەر بىرلىكتە قان تومۇرلاردا تۈگۈنچە شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قان تومۇر ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشى ۋە مېڭە قان تومۇر كېسىلى خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
دوكتور يى مۇنداق دەپ ئاگاھلاندۇردى: «شۇنى تەكىتلەيمەنكى، بۇ تەتقىقات پەقەت بىر خىل باغلىنىشنىلا كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئۇيقىسىزلىقنىڭ مېڭە قان تومۇر كېسىلى ياكى باشقا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى بىۋاسىتە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ».
«تەتقىقاتلار ئارىسىدا كۆرۈنەرلىك پەرق بار بولۇپ، ئاساسىي كېسەللىك ئەھۋالى ۋە ئۇيقۇ دورىلىرىنى ئىشلىتىش قاتارلىق ئامىللار نەتىجىگە تەسىر كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئاپتورلار ئۇيقۇسىزلىقنىڭ مۇستەقىل بىر سەۋەبچى ئامىل ئىكەنلىكى تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.
تەتقىقاتچىلار يەنە ئۇيقۇسىزلىق بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى تەكشۈرگەن بەش تۈرلۈك تەتقىقاتنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ تەتقىقاتلار ئاساسلىقى ياشانغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى 1،101 دىن 484،707 غىچە بولغان.
جەمئىي 19،745 كىشى قاتناشقان ئۈچ تۈرلۈك تەتقىقات ئۇنىۋېرسال ئانالىزغا كىرگۈزۈلدى. تەتقىقاتچىلار ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى بار كىشىلەرنىڭ ھەر قانداق سەۋەب بىلەن دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش ئېھتىماللىقىنىڭ %28 يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى بايقىدى.
تەتقىقاتچىلار ئۇيقۇسىزلىق سالامەتلىك ناچارلىشىشنىڭ مۇھىم بىر بەلگىسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ۋە ئاساسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
دىمىترىيۇ ئۇيقۇ مەسىلىلىرى تۇرمۇشىڭىز، سالامەتلىكىڭىز ياكى خۇشاللىقىڭىزغا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغاندا، ياردەم سوراشنىڭ ۋاقتى كەلگەنلىكىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەگەر پۇرسەت بولغاندا كەم دېگەندە 6-7 سائەت ئۇخلىيالمىسىڭىز ياكى كۈندۈزدە دائىم چارچاش ۋە ئۇيقۇڭىز كېلىش ھېسسىياتىدا بولسىڭىز، ئۇ ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىشنى تەۋسىيە قىلدى.
سىز ئۆزىڭىزدە ئۇيقۇسىزلىق بارلىقىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىغان ھامان ياردەم سورىشىڭىز كېرەك. بۇنداق قىلىش يەنە ئۇيقۇڭىزغا ۋە ئومۇمىي سالامەتلىكىڭىزگە تەسىر كۆرسىتىدىغان باشقا خەتەرلىك ئامىللارنى ياكى تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئېنىقلاشقا ياردەم بېرىشى مۇمكىن.
تەتقىقاتچىلار ئۇيقۇسىزلىق بىلەن چۈشكۈنلۈك ۋە باشقا روھىي ساغلاملىق قالايمىقانچىلىقى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى تەكشۈرگەن ئالتە تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال ئانالىزنى كۆزدىن كەچۈردى.
گەرچە كۆپىنچە تەتقىقاتلارنىڭ ئۇسۇل جەھەتتىكى سۈپىتى تۆۋەن ياكى ئىنتايىن تۆۋەن دەپ باھالانغان بولسىمۇ، ئەمما بايقاشلاردا ئۇيقۇسىزلىق چۈشكۈنلۈك خەۋپىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن ئىزچىل مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرۈلدى.
تەتقىقاتچىلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، سوزۇلما خاراكتېرلىك ئۇيقۇسىزلىق كۈندۈزلۈك چارچاش، زېھنىنى يىغالمىسلىق ۋە مېڭىنىڭ ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. بۇ ئامىللار بىر ئىش ئۈستىدە قايتا-قايتا ئويلىنىش، سەلبىي پىكىر قىلىش ۋە ماسلىشالماسلىق تاقابىل تۇرۇش ستراتېگىيەسىنى كۈچەيتىۋېتىدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى چۈشكۈنلۈك ۋە ئەندىشە قىلىشنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرىدۇر.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىككى تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال ئانالىزدا ئۇيقۇسىزلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خىيالى، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشقا ئۇرۇنۇش ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش نەتىجىسىدە ئۆلۈش خەۋپىنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالدى.
ئۇيقۇ قالايمىقانچىلىقى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشنىڭ بىر قانچە خەتەرلىك ئامىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، چۈشكۈنلۈكتىن مۇستەقىل ھالدىمۇ مەۋجۇت بولىدۇ.
بۇ ئۇيقۇسىزلىق چۈشكۈنلۈك ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ھەرىكەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى ئۇ پەقەت كۆپ خىل خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن دېگەنلىكتۇر.
تەتقىقاتچىلار ئۇيقۇسىزلىق بىلەن ئەقلىي ئاجىزلىق ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى تەكشۈرگەن بەش تۈرلۈك ئۇنىۋېرسال ئانالىزنى كۆزدىن كەچۈردى. بۇ ئانالىزلار 5 تىن 39 غىچە بولغان تەتقىقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ سانى 36،005 تىن 3.1 مىليوندىن ئارتۇققىچە، ئەگىشىپ نازارەت مۇددىتى 2 يىلدىن 40 يىلغىچە بولغان.
ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، ئانالىزلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيقۇسىزلىقنى ئەقلىي ئاجىزلىقنىڭ يۇقىرى خەۋپى بىلەن باغلىغان. ئۈچ تۈرلۈك ئانالىزدا يەنە ئۇيقۇسىزلىق ئالزىمېر كېسەللىكىنىڭ يۇقىرى خەۋپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايقالغان.
تەتقىقاتچىلار بۇ باغلىنىشنىڭ بىر قانچە مۇمكىن بولغان چۈشەندۈرۈشىنى قەيت قىلدى. ئۇيقۇ قالايمىقانچىلىقى ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە مېڭىدىكى ئامىلوئىد-بېتا ۋە تاۋ غا ئوخشاش ماددىلارنىڭ تازىلىنىش ئىقتىدارىغا زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن بولۇپ، بۇ جەريانلار نېرۋا توقۇلمىلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىماللىقى بار.»
بىراق، بۇ بايقاشلار ئۇيقۇسىزلىق بىلەن زېھىن ئاجىزلىقى ئوتتۇرىسىدىكى بىر باغلىنىشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، لېكىن ئۇيقۇسىزلىقنىڭ زېھىن ئاجىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەرمەيدۇ.
مەنبە: Healthline | Wed, 30 Sep 2026 18:29